ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى باشلاندى

بۇ نۆۋەت ئېلىپ بېرىلىدىغان ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك دىئالوگى بۈگۈن باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئامېرىكا ‏ - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى قىزىل رەقەم مەسىلىسى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-07-27
Share

خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر دىئالوگدا ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىبەت ۋە خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمى " ئەلۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ" دېگەن.

مەزكۇر دىئالوگ سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوش دەۋرىدە 2006 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئامېرىكا ‏- خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىدىكى نامۇۋاپىق تەرەپلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

2006 - يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئامېرىكا ‏ - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگى 27، 28 - ئىيۇل كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەمما بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ياكى قويۇلمايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت