ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.11.24
2009.11.24
جياڭ تيەنيۇڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قېتىلغان ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى پاش قىلغان. ئۇ يىغىندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتقان ۋە ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ پرېزىدېنت ئوباما بىلەن بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن يەنى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جياڭ تيەنيۇڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراققا تارتىلغان.
جياڭ تيەنيۇڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئىسپات بېرىش يىغىندىن بىرقانچە كۈن ئاۋۋال، ۋاشىنگتوندىكى بىر تەتقىقات مەركىزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
جياڭ تيەنيۇڭنىڭ ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى داۋامىدا تۇتقۇن قىلىنىشى، ئوبامانىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا.