ئامېرىكا‏ - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى بۈگۈن ئاخىرلاشتى. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىدىن تارتىپ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە قەدەر كۆپلىگەن تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-05-25
Share

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە تەپسىلىي بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پۇل قىممىتى مەسىلىسىدىمۇ يېقىندا تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى خىتاينىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خىتاي تەرەپ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە، دىپلوماتىك يول ئۈچۈن يەنىلا پۇرسەت بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ، ئامېرىكىنىڭ نازۇك تېخنىكىنى ئېكسپورت قىلىشتا چەكلىمىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھىللارىي كلىنتون ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ۋە كىلىمات مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپنىڭ يەنە كېلىشەلمىگەن مەسىلىلىرىنىڭمۇ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمما كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە كونكرېت توختالمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت