خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە تەپسىلىي بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پۇل قىممىتى مەسىلىسىدىمۇ يېقىندا تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى خىتاينىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خىتاي تەرەپ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە، دىپلوماتىك يول ئۈچۈن يەنىلا پۇرسەت بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ، ئامېرىكىنىڭ نازۇك تېخنىكىنى ئېكسپورت قىلىشتا چەكلىمىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ھىللارىي كلىنتون ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ۋە كىلىمات مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپنىڭ يەنە كېلىشەلمىگەن مەسىلىلىرىنىڭمۇ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمما كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە كونكرېت توختالمىغان.