ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.09.20
2009.09.20
بۇ يىلقى روزا ھېيت نامىزى ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جۈملىدىن پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ مەسچىتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا يەنە ئامېرىكا - تۈرك دوستلۇق جەمىيىتى دەپ ئاتالغان جەمىيەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى شىمالىي ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ فائىرفاكىس شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە زالىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامازغا پايتەخت ئەتراپىدا ياشايدىغان تۈركلەر ۋە ئاز ساندىكى قازاقلار ھەم ئۆزبېكلەردىن باشقا يەنە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئەڭ كۆپ ئادەم قاتنىشىپ، بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نامازدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار بىر - بىرىنى ھېيت بىلەن قىزغىن تەبرىكلەشتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە جامائەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ بىر قىسىم ئائىلىلەرگە پەتە ئوقۇدى.
ھېيت نامىزىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 5 - ۋە 7 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقلىرىدىن كېيىن چەتئەللەردىكى، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش، بىر - بىرىنى قەدىرلەش، ئۆز مىللىي ۋە دىنى كىملىكلىرىنى كۈچەيتىش كەيپىياتلىرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. ئامېرىكا - تۈرك دوستلۇق جەمئىيىتى رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا ئىپتار بېرىپ، ھال سورىغان ئىدى.