مەلۇم بولۇشىچە، بىر ئاپتوموبىل ناھىيە تەۋەسىدە تاشيولدا كېتىۋاتقاندا كەلكۈن ئەپ كېتىپ، 300 مېتىر چوڭقۇرلۇققا غۇلاپ كەتكەن. ئاپتوموبىل ئىچىدە 4 نەپەر كىشى نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەمما خەۋەرلەردە بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەبئىي ئاپەتلەر كۆپىيىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاپەتلەردە ئەڭ جىق زىياننى يەنىلا ئۇيغۇرلار تارتىدىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر رايونىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىگە سەل قاراپ كەلگەنلىكىنى، ئاپەتتىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېتەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.