ئاقساراي خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2011.01.21
روبېرت گىببس پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، "رەئىس خۇ جىنتاۋ دۇنياغا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تۈنۈگۈنكى چوڭ خەۋەر. بىز ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مەمنۇنىيىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى تەقىب قىلىپ، ئۇلارنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاقسارايدا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا قارايمىز" دەپ كۆرسەتتى.
خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئاقسارايدا چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ئۇ بۇ ساھەدە قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن ئىدى.
روبېرت گىببس پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە، "بىر خىتاي رەھبىرىنىڭ چەتئەلنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن بىر قاتار مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش كېرەكلىكىگە دائىر بۇنداق دوستانە ۋەدىدە بولۇشى بىز ئۈچۈن بىر خەۋەر" دەپ كۆرسەتتى. روبېرت گىببس خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ماختىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى مەتبۇئاتلار خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئېلىشتىكى ھەقىقىي غەرىزىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.