ئىگىلىنىشىچە، ئاتۇش شەھىرىدە بوراننىڭ دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، شامال سۈرئىتى سېكۇنتىغا 32 مېتىر بولۇپ، 11 بالغا يەتكەن. بەزى شامال ئېغىزلىرىدا بوراننىڭ دەرىجىسى 12 بالغا يېتىپ 50 يىللىق رېكورتنى بۇزۇۋەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى بوران - چاپقۇندا 3 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، 89 ئۆي ۋە 2000 دىن ئارتۇق قوتاننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 28 - چېسلا كۈنى قەشقەر شەھىرىمۇ 8 -9 بال بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىر قىسىم شەھەر مۇئەسسەسەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.