ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئاقساراينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، تور بىخەتەرلىك قانۇنى ماقۇللىدى
2012.04.27
مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە كارخانىلار بىلەن بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تور بۇزارلىرىغا دائىر ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا يول قويۇلغان. بىراق شىركەتلەر بىلەن بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تور ئابونتلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشىغا يول قويۇلغان مەزكۇر قانۇنغا ئامېرىكا خەلق ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى قارشى چىققان.
ئۇلار تور ئابونتلىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 248 ئەزاسىنىڭ قوللىشى، 168 ئەزاسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى ئەزالىرى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇن ھەر ئىككى پارتىيە مەنسۇپلىرى تەرىپىدىن بىردەك قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى ماختىغان شۇنداقلا ئۇنىڭ «ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خەتەرلىك ئىقتىسادى كۈشەندىلەردىن تېخىمۇ ياخشى قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بىراق ئاقساراي، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە «تور ئابونتلىرىنىڭ خۇسۇسى تۇرمۇشى، شەخسى مەخپىيەتلىكى، كىشىلىك ئەركىنلىكى يېتەرلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىگە قارشى چىققان ئىدى. ئاقساراي چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاۋام پالاتاسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەزكۇر قانۇن ماقۇللانسا، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.