مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئورۇنلاشتۇرغان 1400 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا جىددىي دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بۇ قوراللار تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا جىددىي تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، تەيۋەننى قوراللىق ئىشغال قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋېلىشىش تەرەققىياتى تەيۋەن بوغۇزىدىكى كەلگۈسى ئىختىلاپلاردا تەيۋەنگە بېسىم ئىشلىتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ياردەم قىلىشىغا توسالغۇ بولۇش ۋە تەھدىت سېلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەندە ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن بېرى، خىتاي - تەيۋەن مۇناسىۋىتىدە زور بۇرۇلۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى گېزى كەلسە تەيۋەننى قوراللىق ئىشغال قىلىش تەھدىتىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى.