خىتايدا يەنە ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانى تەھدىت ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغان

9-ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانى تەھدىت ئۇچۇرى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇچۇشنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە خىتايدىكى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىدا كۆرۈنگەن ئىككىنچى قېتىملىق تەھدىت ئۇچۇرى.

CBS خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى تىبەتنىڭ لخاسا شەھىرىدىن نەنچاڭ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىش ئالىدا تۇرغان ئايروپىلانلار ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر ئايروپىلاندا بومبا بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى دەرھال بىكار قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەمما تەكشۈرۈپ ھېچنېمە تاپالمىغان.

8-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ ماڭغان «جەنۇب ھاۋا يوللىرى» شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىمۇ ئوخشاش تەھدىت ئۇچۇرى سەۋەبلىك لەنجۇغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما، ئايروپىلاندا ھېچقانداق بىنورماللىق بايقالمىغان ئىدى.