مەزكۇر ماقالە ئەسلى خىتايدا چىقىدىغان «شەھەر قانىلى» تورىدا بېسىلغان بولۇپ، كېيىن Yahoo تورىغا ئۇلاپ قويۇلغان.
ماقالىدە، بۇ يىل 8 - ئاپىرىل يەكەندە 4 - نۆۋەتلىك «بادام گۈلى بايرىمى» ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، بايرامنىڭ نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقى، بۇنىڭ يەكەن ئۈچۈن ياخشى سودا ۋە ساياھەت پۇرسىتى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يەكەن ئۆزىنىڭ قەغەز باداملىرى، 12 - مۇقام رەتلەنگەن قەدىمىي يۇرتلۇقى بىلەنلا دۇنياغا داڭلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى، سەئىدىيە خانىدانلىقىغا پايتەخت بولغان ئاستانە شەھەرلىك مەرتىۋىسى بىلەنمۇ مۇھىم رايونلارنىڭ بىرىدۇر.
گەرچە Yahoo تورىدىكى خەۋەردە يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن بولسىمۇ، يەكەن باداملىرىنىڭ Yahoo تورى پۇل - مۇئامىلە سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلۇشى بىر يېڭىلىقتۇر.