ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئورتاق ھەرىكەت قىلالماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئۆكتىچىلەر كۆپرەك مەركەزلەشكەن ھۇمېس شەھىرىگە راكېتالار بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ھۇمېسقا قارىتىلغان ھۇجۇملار قايتا باشلانغاندىن بۇيان نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۆكتىچىلەر پەيشەنبە كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا ئوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيىنى جازالاش قارارى چىقىرالمىغان ئىدى. ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇن بۈگۈن قىلغان سۆزىدە: «خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە قارار چىقىرالماسلىقى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈپ قويدى» دېدى ۋە بۇنى «ب د ت ئۈچۈن ئېغىر بىر مەغلۇبىيەت» دەپ كۆرسەتتى.

بان كىمۇن يەنە، يېقىندا ئەرەب بىرلىكى دۆلەتلىرى بىلەن سۈرىيىدىكى بۇ تراگىيىدىنى قانداق توختىتىش توغرىسىدا داۋاملىق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈن رۇسىيىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى سۆھبەتكە چاقىرىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلدى. ئاقساراي باياناتىدا «بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۆز خەلقىنى زالىملارچە باستۇرۇشنى تاللاش ئارقىلىق، دىئالوگ پۇرسىتىنى ئاللىقاچان قولدىن بېرىپ قويدى» دېدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا كۆزەتكۈچىلەر ھازىر، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتوننىڭ ئۇچرىشىشىدىن قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلىنىڭ چارشەنبە كۈنى باشلىغان ئامېرىكا رەسمىي زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى سۈرىيە مەسىلىسى ئىكەن.

ئەھمەد داۋۇتئوغلى مېڭىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ئەگەر خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيىدىكى ئاۋام خەلقنى قوغدىيالمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئوخشاش مەيداندىكى دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدىشى كېرەك» دېگەن.