باراك ئوباما قەسەم بېرىپ، 2‏-نۆۋەت پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 21-ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلغان نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ، 2‏-نۆۋەت پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.21

بۇ ئوبامانىڭ مۇشۇ ئىككى كۈنى ئىچىدە 2‏-قېتىم قەسەم بېرىشى. ئامېرىكا قانۇنى بويىچە پرېزىدېنت چوقۇم 20‏-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى كېرەك. بىراق رەسمىي قەسەم بېرىش مۇراسىمى 21‏-يانۋار مارتېن لۇتىر كىڭ خاتىرە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا، ئوباما يەكشەنبە كۈنى ئاق سارايدا خانىمى مىشېل ئوباما، ئىككى قىزىنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئامېرىكا باش سوتچىسى جون روبېرتسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قەسەم بەرگەن.

لېكىن ئۇ تەخمىنەن 700‏-800 مىڭ ئادەم قاتناشقان 21‏-يانۋار دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇراسىمدا يەنە بىر قېتىم قەسەم بەردى. ئوباما مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئامېرىكا خەلقىنى بىرلىك، باراۋەرلىككە چاقىرىپ، ئاجىزلار، كەمبەغەللەر، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى يوقلار ۋە ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى، بالىلارنى قوراللىق زوراۋانلىقتىن ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزىنىڭ كەلگۈسى 4 يىلدا يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىنى شەرھلەپ: بىز ئاسىيادىن ئافرىقىغىچە، ئامېرىكا قىتئەلىرىدىن ئوتتۇرا شەرققىچە بولغان رايونلاردا دېموكراتىيىنى قوللايمىز. چۈنكى مەنپەئىتىمىز ۋە ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىمىز بىزنى ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىلەرنى قوللاشقا دەۋەت قىلىدۇ، دېدى.

مۇراسىمدا كەللىي كلاسېن، جېيمىس تەيلور، بيانسېي قاتارلىق ئاتاقلىق چولپانلار ناخشا ئېيتتى. بيانسېي ئامېرىكا دۆلەت مارشىنى ئورۇنلىدى.

قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا مۇساپىنىڭ تولۇق تاماملانمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئوباما: بۇ بىر ئەۋلاد ئامېرىكىلىقلار كرىزىسلار ئارقىلىق سىنالدى. بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى ھەم ئۆزىمىزگە كېلىش قابىلىيىتىمىزنى ئىسپاتلىدى. 10 يىل داۋام قىلغان ئۇرۇش ئاخىرلاشماقتا. ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. ئامېرىكا چەكسىز ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 2009‏-يىلىدىكى 1‏-نۆۋەت پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ ئادەم قاتناشقان. دائىرىلەر بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا تەخمىنەن 800-700 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

42-نۆۋەتلىك پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ 2005‏-يىلدىكى 2‏-نۆۋەتلىك قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا تەخمىنەن 260 مىڭدىن 280 مىڭغىچە ئادەم قاتناشقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.