بارى مۇھەممەتئېلىنىڭ خاڭجۇدىكى پۇتبول كۇلۇبىدىن قوغلىنىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەكلىپ بىلەن پۇتبول ئويناۋاتقان ياش ئۇيغۇر پۇتبول چولپىنى بارى مۇھەممەتئىلى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىدىن ھەيدەلگەن.

خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبى 26-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، پۇتبولچى بارىنىڭ كۆپ قېتىم ئىنتىزامسىزلىق قىلىپ، تۈزۈمگە بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن قوغلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كوماندا يەنە ئۇنىڭغا 35مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان.

بارىنىڭ قوغلانغانلىق خەۋىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، پۇتبولچى بارى خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ ئۆزى ھەققىدە يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ كۇلۇب بىلەن توختامنى ئۇزارتىشنى خالمىغانلىقتىن كۇلۇبنىڭ ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە مۇشۇنداق بىر ۋاسىتىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى بەزى تورداشلار مۇنبەردىكى ئىنكاسلىرىدا يۇقىرىغا ئۆرلەش ھەم تېخىمۇ ياخشى كۇلۇبلاردا، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى كۇلۇبلاردا توپ ئويناشنى ئارزۇ قىلغان بارىنىڭ توختامنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمىغانلىقى سەۋەبلىك، خاڭجۇ يېشىل شەھەر كۇلۇبىنىڭ بارىنى يېقىندىن بۇيان مۇسابىقىگە چىقارمىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا يەنە مائاش توختىتىش، مەشىق توختىتىش ۋە مۇسابىقە توختىتىشتەك جازالارنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

يېقىنقى بىر-ئىككى يىل مابەينىدە، بىرقىسىم تالانتلىق ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرى ئىچكىرىدىكى پۇتبول كوماندىلىرىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى. بارى مۇھەممەتئېلى دەل مۇشۇ «قوشۇن» دىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە پۇتبولچىدۇر. ئۇ، 2002-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى «ۋارىس» پۇتبول مەكتىپىگە كىرگەن. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ مەكتەپ تاقالغاندىن كېيىن ئۇ 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى» گە ئۆز خىراجىتى بىلەن كىرىپ ئوقۇغان.