خىتاي دائىرىلىرى 2012-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلەتمەكچى
2012.03.29
خەلق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29-مارت پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا «شىنجاڭدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش» خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلىدىغان زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر يىغىندا كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، قانۇن كومىتېتى باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ، ئېلېكتر، قاتناش تۈرلىرىنى ئېچىش مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشتا ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە-رايون مانا بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى كېرەك» دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىللىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ سانى ۋە ئۇنىڭغا سېلىنغان مەبلەغنى ئىلگىرىكى يىللاردىن ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەمىن قۇرۇلۇشى دەپ كۆككە كۆتۈرسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنىڭ ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ھازىرغىچە يەرلىك خەلقلەرگە بىر ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىلگىرىلەپ تالان-تاراج قىلىش ۋە كۆچمەن يۆتكەش ھەرىكىتى دەپ قارايدۇ.