ب د ت تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سۈرىيە ھەققىدىكى مەخپىي دوكلاتىنى يوللىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا بۈگۈن سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى تەشكىلاتقا يوللىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەپسىلىي مەلۇماتلار مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقان دوكلاتتا، قىرغىنچىلىقتا بىۋاسىتە رول ئوينىغان دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىمۇ بار ئىكەن.

مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەردىن تەشكىللەنگەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ دوكلاتى يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە سۈرىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئاساسىدا تەييارلانغان. ئۇنىڭدا بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە سادىق قوراللىق قىسىملارنىڭ خەلقنى ئوققا تۇتقانلىقى ھەتتا ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆلتۈرگەنلىكى، دوختۇرخانىلاردىكى يارىلىنىپ قولغا چۈشكەن ئۆكتىچىلەرنى قېيىن-قىستاققا ئالغانلىقى ھەققىدە پاكىتلار سۇنۇلغان. دوكلاتتا، قانلىق باستۇرۇش بۇيرۇقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

كەلگۈسى بىر كۈنلەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ، خەلقئارا سوتقا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان بۇ كىشىلەر تىزىملىكى ئارىسىدا بەشار ئەسەدنىڭمۇ ئىسمى بار ئىكەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ناۋى پىللاي ئىلگىرىكى باياناتىدا بەشار ئەسەدنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلەپ، بۇنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئەسەد ئارمىيىسى ھومىس شەھىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋام قىلماقتا. ھومىستا تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە 74 كىشىنىڭ جىنازىسى چىقىرىلغان.