بېرمىنىڭ زەمبىرەك ئوقلىرى خىتاي چېگرىسىدىن ئۆتۈپ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋە كۆپ ئادەمنى يارىلاندۇرغان. بۈگۈن يۈننەندىكى جېنكاڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىدار سانى20 دىن ئاشقان.
يۈننەن TV ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېرمىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، كوكاڭ رايونى قۇرۇق شەھەرلەرگە ئايلانغان. يۈننەندە 7 ئورۇندا تەسىس قىلىنغان مۇساپىرلار لاگېرى ھازىر كوكاڭدىن قاچقان خىتايلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا تۇرار جاي، يوتقان - ئەدىيال ۋە ھەر كۈنى 8 يۈەندىن تاماق پۇلى بېرىۋاتىدۇ.
ب ب س ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، ئەگەر بېرما قىسىملىرى ھەرىكىتىنى توختاتمىسا، بېرمىدا ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش ۋە بۇ ئۇرۇش ئەتراپقا كېڭىيىش ئېھتىمالى بار.