جۇمھۇرىيەتچىلەر، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى 4 يىل ئىچىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىدا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىدى، دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بىل كلىنتون تۈنۈگۈنكى نۇتقىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ " جۇمھۇرىيەتچىلەر مۇشۇنداق ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ھېچكىم ھەتتا مەنمۇ 4 يىل ئىچىدە ئوڭلاپ بولالمىغان بولاتتىم" دېدى ۋە ئامېرىكا خەلقىدىن ئوباماغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون 1993-2001-يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ يىللار ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ھېلىھەم نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار سېغىنىدىغان دەۋرنىڭ پرېزىدېنتى بولغان بىل كلىنتوننىڭ ئوبامانى قوللىشى ئوباما ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق، دەپ قارالماقتا.
بىل كلىنتون چارشەنبە كۈنى ئاخشام شىمالىي كارولاينادا مىڭ پارتىيە ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 مىڭ كىشىگە خىتاب قىلدى. بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى ئاخشام پرېزىدېنت ۋە 11-ئايدىكى سايلامنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما نامزاتلىقىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.