سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون پيوڭياڭنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى كلىنتون 4 - ئاۋغۇست كۈنى شىمالىي كورىيە پايتەختى پيوڭياڭغا يېتىپ كەلدى. شىمالىي كورىيە مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېلىنتون پيوڭياڭدا شىمالىي كورىيە پارلامېنت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمدە يادرو مەسىلىسى سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئىل بىلەن كۆرۈشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.04

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېلىنتوننىڭ بۇ زىيارىتى ئىلگىرى شىمالىي كورىيىدە قولغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر ئامېرىكىلىق ئايال مۇخبىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسى ئۈستىدە شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جۇڭئىل كىلىنتون بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئامېركىلىق ئىككى نەپەر مۇخبىرنى قويىۋېتىش بۇيرۇقى بەرگەن. بۇ يىل 3 - ئايدا شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى ئامېرىكا مۇخبىرلىرىدىن لورا لىڭ، ئىئۇننا لىڭ نى چېگرىدىن قانۇنسىز كىرىش جىنايىتى بىلەن خىتاي شىمالىي كورىيە چېگرىسىدا قولغا ئالغان ھەمدە ئۇلارنى 6 ئايدا 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

شىمالىي كورىيىنىڭ بەزى ئاخباراتلىرى، بىل كىلىنتوننىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان بۇ تۇيۇقسىز زىيارىتىنىڭ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاقساراي باياناتچىسى بۈگۈن، مەزكۇر قاراشنى ئىنكار قىلىپ، سابىق پرېزىدېنت بېل كىلىنتوننىڭ شىمالىي كورىيە قاراتقان زىيارىتىنىڭ پۈتۈنلەي شەخسى زىيارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىل كىلىنتوننىڭ بۇ زىيارىتى 1994 - يىلى شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى كارتېردىن كېيىن ئىككىنچى بىر سابىق پرېزىدېنتنىڭ شىمالىي كورىيىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.