جۇڭگو بانكىسى ' شىنجاڭ بىڭتۈەنى' گە 30 مىليارد يۈەن قەرز بەرمەكچى

خىتاينىڭ جۇڭگو بانكىسى كەلگۈسى 3 يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرىم قوراللىق يېرىم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان " شىنجاڭ بىڭتۈەنى" گە 30 مىليارد سوم قەرز پۇل بېرىپ، بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە بىڭتۈەن دېھقانلىرىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

قەرز بىلەن تەمىنلەش توختىمى 25 ‏ - دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىمزالانغان بولۇپ، توختامنامىدە يەنە جۇڭگو بانكىسى " بىڭتۈەن" گە پۇل - مۇئامىلە، مەبلەغ، سۇغۇرتا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مۇلازىمەت خىزمىتى ئېلىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ چەتئەلنىڭ "بىڭتۈەن" گە سالىدىغان مەبلىغى، چەتئەللەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىكى پۇل - مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن "بىڭتۈەن" نىڭ تەرەققىياتى ۋە ھوقۇقى دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 2006 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە " بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان قورغان،" دەپ جاكارلىغان ئىدى. لېكىن "بىڭتۈەن" نىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ قانۇنى ئاساسى يەرلىك خەلقلەردە ئۈزلۈكسىز تالاش تارتىش تېمىسى بولۇپ كەلدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار بولسا " بىڭتۈەن"نى بىر مۇستەملىكە ئورگىنى، دەپ قارىماقتا شۇنداقلا چەتئەللىكلەرنىڭ "بىڭتۈەن"گە مەبلەغ سېلىشىغا قارشى تۇرماقتا. 1996‏ - يىلى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، دۇنيا بانكىسىنىڭ "بىڭتۈەن"نى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە قارشى چىققان.

" بىڭتۈەن" بىلەن جۇڭگو بانكىسى ئىمزالىغان توختامنامىدە يەنە مەزكۇر بانكىنىڭ بىڭتۈەندىكى يېزا ئىگىلىك، ئاساسى ئەسلىھەلەر، يېڭى سانائەت تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك 3‏ - ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.