بىرما ئۆكتىچىسى ئاڭساڭ سۇكى بىرما پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

ئۇزۇندىن بۇيان ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاڭساڭ سۇكى خانىم شەنبە كۈنى بىرمادا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنتنىڭ تولۇقلاش سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، بىرما پارلامېنتىغا ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-04-01
Share

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئاڭساڭ سۇكى رەھبەرلىكىدىكى بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك بىرلەشمىسى 1990 - يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سايلامغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئاڭساڭ سۇكى ئۇزۇن يىللار بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىش، سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق جازالارغا يولۇقۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرمانىڭ دېموكراتىك غايىسى يولىدىكى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئاڭساڭ سۇكى يەكشەنبە كۈنى ئۆز تەشكىلاتىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى بىرمادىكى دېموكراتىك سايلامغا 17 پارتىيە پارلامېنتتىكى 45 ئورۇننى تالىشىدۇ، ئاڭساڭ سۇكى پارلامېنتا ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت