بېرموداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىش تەلەپ قىلىندى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېرمودادا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتتىن قارىغاندا، گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بېرموداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى بېرمودا باش مىنىستىرىغا خەت يېزىپ ئۇنىڭدىن بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ پاسپورت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.24

ئادۋوكات رىچارد خورسمەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا بۇ ئۇيغۇرلارغا بېرمودادا بىر يىل تۇرغاندىن كېيىن پاسپورت ئالالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شۇڭا ئۇلار بېرموداغا كېلىشكە ماقۇل بولغان. ئادۋوكات رىچارد خورسمەن بېرمودا باش مىنىستىرى كريېگ كەننويىرگە يازغان خېتىدە يۇقىرىدىكى نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ كىشىلەر باشقا بېرمودا پۇقرالىرىدەك ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك» دېگەن.

ئەمما ئىگىلىنىشىچە، بېرمودانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېۋارد بروۋن بۇ ئۇيغۇرلارغا بىر يىلدىن كېيىن پاسپورت بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر گەپ-سۆزنىڭ بولغانلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن خېلىل مامۇت، ئابدۇللا ئابدۇقادىر، سالاھىدىن ئابدۇلئەخەت ۋە ئابلىكىم تۇراخۇن قاتارلىق 4 ئۇيغۇر 2009-يىلى بېرموداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇلار بېرمودادا ۋاقىتلىق تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.