فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بلوگچىلار قۇرۇلتىيى 6 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم يىغىن چاقىرىشى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچۇرۇشۇش شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ ھەپتە ئاخىرى ئېچىلماقچى ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ئېچىلماقچى بولغان خىتاي بلوگچىلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىر قىسىم چەتئەللىك بلوگچىلارمۇ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە يىغىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بلوگچىلار بىرەسمىي يوسۇندا ئۇچرىشىشنى پىلان قىلغان.
خىتايدا توردا ماقال ئېلان قىلىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا كىرىش سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن فېيىسبوك ۋە تۋىتېر تور بېكەتلىرىنىڭ خىتايدا ئېچىلىشىنى توسىغان ئىدى.