ئەما ئۆكتىچى چېن گۇاڭچىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلدى
2012.08.02
ئۇ چارشەنبە كۈنى مەجلىستە ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلغانلار ئارىسىدا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىسى جون بوۋنېر، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋەكىلى نەنسى پلوسى خانىملار بار.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، چېن گۇاڭچىڭ مەجلىستىكى ئۇچرىشىشتا، خىتاينىڭ ھازىر مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەرنى خىتاينىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ خىتاب قىلىپ، خىتاي ئەگەر خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكىنى كۆرسىتىمەن دەيدىكەن، مېنىڭ جىيەنىمنىڭ داۋاسىنى خەلقئاراغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا سورىسۇن، دېگەن.
شەندۇڭلۇق ئەما ئۆكتىچى چېن گۇاڭچىڭ خىتايدىكى بىر پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇ بۇ سەۋەبتىن 2006-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 4 يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ بېسىمدىن قۇتۇلالمىغان چېن بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان. بىر مەھەل قوزغالغان دىپلوماتىيىلىك جېدەللەردىن كېيىن يەنى، 20-ماي كۈنى چېن ئامېرىكىغا ئوقۇش شەرتى بىلەن يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن خىتاي دائىرىلىرى چېن خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جىيەنى چېن كېگۈينى قولغا ئالغان.