تەيۋەن سوت مەھكىمىسى چېن شۈيبيەننى مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.11
2009.09.11
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، سوت مەھكىمىسى چېن شۇيبيەننىڭ ئوغلى ۋە كېلىنىنى ئايرىم - ئايرىم ئىككى يېرىم يىل ۋە بىر يىل 8 ئاي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
چېن شۈيبيەن ۋە ئۇنىڭ جەمەتى دۆلەت مەخپىيەتلىك پۇلىغا خىيانەت قىلىش، پۇل يۇيۇش، ئاممىۋى قۇرۇلۇشلاردا يولسىزلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. چېن شۈيبيەن جۇڭخۇا مىنگو تارىخىدا خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۇنجى پرېزىدېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن چېن شۈيبيەننىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار.
تەيۋەندىكى ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيە - گۇرۇھلار چېن شۈيبيەن ئۈستىدىن چىقىرىلغان قارارغا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئىنكاسلاردا بولدى. گومىنداڭ پارتىيىسى سوتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دېلوغا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان.
دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى بولسا، چېن شۈيبيەن ئۈستىدىن چىقىرىلغان قارار ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي غەرەزلىك قارار دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازاسىنىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.