چىلىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ زىيىنى ئېغىر بولماقتا

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 27 - فېۋرال كۈنى چىلىدا يۈز بەرگەن 8.8 بال دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشتە ئىككى مىليون ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۈگۈنكى خەۋەرلەردە يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 700 دىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان. بىر مىليون 500 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن، نۇرغۇن قۇرۇلۇش ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولغان. ئېلېكتىر ۋە ئالاقە لىنىيىلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن، سۇ توختىغان. ھازىرغىچە ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 700 دىن ئاشقان بولۇپ، بۇ سان يەنە داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، 28 - فېۋرال كۈنى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەسىدە دېڭىز دولقۇنلىرى تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈش نەتىجىسىدە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە،فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئېغىر دېڭىز بورىنى ۋە دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 100 لىگەن ئادەم يارىلانغان، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ توكى توختاپ قالغان. فرانسىيىنىڭ دېڭىز بورىنىنىڭ ئاپىتىگە ئۇچراش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، پارىژ ئايرودرومىدىكى ئايروپىلانلارنىڭ 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچۇش نۆۋىتى توختىتىلغان. فرانسىيىنىڭ غەربىي قىرغاق دېڭىز بويىدا 45 ئادەم دېڭىز بورىنىدا قازا قىلغان.

چىلىدىكى يەر تەۋرەش 2010 - يىلى 12 - يانۋار كۈنى ھايتىدا يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يەنە بىر نۆۋەتلىك ئېغىر دەرىجىدىكى يەر تەۋرەش ھادىسىسى بولۇپ، ھايتىدىكى يەر تەۋرەشتە 150 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە چىلىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.