بۈگۈنگە قەدەر بۇنداق يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 72. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا چوشقا زۇكامى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى لابىراتورىيىلەردە ئېنىقلانغان بېمار سانى 4714، ئۆلگىنى 4. مېكىسكىدا ئېنىقلانغان بېمار سانى 2895، ئۆلگىنى 66. كانادادا بايقالغان بېمار سانى 496، ئۆلگىنى بىر. ئىسپانىيىدە ئېنىقلانغان بېمار سانى 100. ئەنگىلىيىدە ئېنىقانغان بېمار سانى 43.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ھىنىدستاندا بىر بېمارنىڭ چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاندى، ئۇ نيۇيوركتىن كەلگەن ھەيدەرئابادلىق ئەر ئىكەن. تۈركىيىدىمۇ بۈگۈن ئامېرىكىدىن كەلگەن بىر ئەرنىڭ چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغلىقى ئېنىقلاندى.
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن بېيجىڭدە 18 ياشلىق بىر قىز بالىنىڭ چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاندى، شۇنىڭ بىلەن خىتايدا ھازىر چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بېمار سانى3 گە يەتتى. ياپونىيىدىمۇ، بۈگۈن يەنە 3 ئادەمنىڭ چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاندى، شۇنىڭ بىلەن ياپونىيىدە چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنلقلانغان بېمار سانى 8 گە يەتتى.
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ساياھەت تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆەلەتلىرىگە ۋە چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان دۆلەتلەرگە سايەھەتكە بارىدىغان ئۆمەكلەرنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇغان. شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە يەنە 'چوشقا زۇكامىنىڭ پوچتا خالتىلىرى ئارقىلىق كىرىشىدىن ساقلىنىش ' دېگەن نام بىلەن چەتئەللەردىن كېلىۋاتقان پوچتا خالىتىلىرىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان.