شىنخۇا تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان 50 كىشىنىڭ 49 نەپىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، بىر نەپىرى بولسا مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. ھازىر بۇ بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن 12 نەپەر كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان - يۇقۇملانمىغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى سەھىيە تارماقلىرى يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئالاقە قىلغان 1518 كىشى ئۈستىدىن كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ 122 نەپىرى دوختۇرخانىدا كارانتىنغا ئېلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردە چوشقا زۇكىمىنىڭ تارقىلىشى بىلەن 6 - سىنتەبىردىن باشلاپ دەرس توختاتقان بولۇپ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقى ئېنىق ئۇقتۇرۇلمىغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە خىتاي دائىرىلىرى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، ئاھالىلەرگە بارلىق ئېھتىماللارغا قارشى 3 كۈنلۈك ئوزۇق - تۈلۈكلىرىنى تەييارلاپ قويۇشنى ئۇقتۇرغان.