خىتاي بىلەن رۇسىيە خەلقئارادا چوشقا زۇكامى تارقىلىشتىن پايدىلىنىپ سودا قورۇقچىلىقى قىلىش بىلەن تەنقىدكە ئۇچرىدى

ب ب س نىڭ سەيشەنبە خەۋەر قىلىشچە، يەر شارى مىقياسىدا چوشقا زۇكامى تارقالغاندىن بۇيان، مەزكۇر يۇقۇملۇق كېسەلگە قارىتا، بىر تەرەپلىمە قاراش ھەم ئىلمىي بولمىغان تونۇشلار سەۋەبلىك خىتاي ۋە رۇسىيىگە ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەر دەسلەپ چوشقا زۇكام بايقالغان مېكسىكا ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن چوشقا گۆشى ھەم چوشقىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكى، بۇ دۆلەتلەر بىلەن سودا ھەمكارلىقى بار نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن"بۇ بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سودا قورۇقچىلىق قىلغانلىق،" دەپ ئەيىبلەنمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.05.05

ئەمەلىيەتتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر چوشقا زۇكامىنىڭ چوشقا گۆشى ئىستىمال قىلىش بىلەن يۇقمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، H1N1 تىپلىق ئىنسانىيەتكە تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئاتىلىشى بىلەن كىشىلەردە چوشقىدىن ھەزەر ئەيلەش سەۋەبلىك دۇنيا ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىرلەر ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوشقا زۇكامىنىڭ ئاتىلىشىنى ئا تىپلىق H1N1 يۇقۇملۇق زۇكامى قىلىپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.

بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي مېكسىكا ھەمدە ئامېرىكىدىن چوشقا گۆشى ھەم چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا رۇسىيىمۇ كانادا، ئامېرىكا ھەمدە مېكسىكىدىن چوشقا گۆشى ھەمدە چوشقا گۆشىدىن ئىشلەنگەن يىمەكلەرنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقان ئىدى.

نۆۋەتتە ياۋرۇپا بىرلىكى رۇسىيىنى، ئۇ چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن دۆلەتلەر بىلەن مۇرەسسەلەشتۈرۈش يولىدا ئىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.