دالاي لاما كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى

تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى، كېسەللىك تۈپەيلى ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدىكى بىر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى بىر دوختۇرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جۈمە كۈنى دالاي لامانىڭ ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى دالاينىڭ بۇ قېتىم دوختۇرخانىغا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دارامسالادىكى تىبەت ھۆكۈمىتى، دالاي لامانىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭ 10 ‏- ئايدا ئېلىپ بارىدىغان گېرمانىيە ۋە شۋېتسارىيە زىيارىتىنى بىكار قىلغان ئىدى.

دالاي لاما، خىتايدىن ئايرىلغان 50 يىلدىن بۇيان، تىبەت خەلقىنى ھەقىقى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن توختىماستىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، تىبەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى دۇنياغا جاكارلىغاندىن سىرت، ئۆزىنىڭ بىر دىنىي داھى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا دىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى.

بىراق خىتاي دائىرىلىرى، ئۇنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان دىنىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغان بۆلگۈنچى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.