دالاي لامانىڭ خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەيىنلەنگەن ئالاھىدە ئەلچىلىرى ئىستېپا بەردى
2012.06.04
بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى بايانات شەكلىدە ئېلان قىلدى.
دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ئەلچىلىرى لودى گيارى ۋە كەلساڭ گيالتسەن 2002-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، خىتاي تەرەپ بىلەن 9 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تىبەت مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن ئىدى.
بۇ ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىستېپا نامىلىرىدە تىبەت ۋەزىيىتىنىڭ 2008-يىلىدىكى «لخاسا ۋەقەسى» دىن كېيىن تېخىمۇ يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بۇنداق بىر ئالاھىدە ۋەزىيەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن قېيىن.
مەزكۇر ئالاھىدە ئەلچىلەر 2008-يىلى خىتاي تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇ خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، ھازىرچە ئۇلار خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالاھىدە ۋەكىللەرنى تەيىنلەشكە ئالدىرىمايدىكەن.