تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، دىنىي پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋاشىنگتوندا دىنىي پائالىيەتلەردە بولۇش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختىگە يېتىپ كەلدى.

ئۇنىڭ سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ 11 كۈن ۋاشىنگتوندا قالىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا دىنىي مۇراسىم ۋە تىبەت بۇددىزىمى ھەققىدە دىنىي تەبلىغ سۆزلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇ چارشەنبە ئۆزىنىڭ 76 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى دىنىي تەبلىغىنى ۋاشىنگتوندىكى ۋەرىزون مەركىزىدە سۆزلەيدىكەن.

دالاي لاما كېلەر دۈشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. بۇ دالاي لامانىڭ بۇ يىل تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشى ۋە مەزكۇر شەھەردە ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دالاي لاما بۇ جەرياندا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. لېكىن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى ھازىرغا قەدەر ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنمىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، پرېزىدېنت ئوباما دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە، بۇ خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەئىسى جون بېينىر ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتىك ئاز سانلىق رەھبىرى نەنسى پەلۇسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەيشەنبە كۈنى كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.