دالاي لاما مەسىلىسى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا يەنە تالاش تارتىش قوزغىدى

يېقىندا خىتاي ھىندىستاننى دالاي لاماغا پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي-ھىندىستان چېگرا سۆھبىتىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم دالاي لامانىڭ كالكۇتتادا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدا يەنە تالاش-تارتىش قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-12-02
Share

ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ كالكۇتتادىكى كونسۇلخانىسى يېقىندا ھىندىستان غەربىي بېنگال شتاتىنىڭ ھۆكۈمەت باش كاتىپى سرې سامار گوش ئەپەندىگە خەت يېزىپ، غەربىي بېنگال شتاتىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە باش ۋالىسىنىڭ دالاي لاما نۇتۇق سۆزلەيدىغان پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خېتىدە، ئەگەر شتات باش ۋالىسى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى دالاي لامانىڭ پائالىيىتىگە قاتناشسا، جۇڭگو تەرەپ بۇنى دالاي لامانىڭ «جۇڭگوغا قارشى مەيدانى» نى قوللىغانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مەزكۇر خېتى بەزى ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. «ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ھەرىكىتى «دىپلوماتىك قائىدە-يوسۇنغا خىلاپ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

غەربىي بېنگال ۋالىسى نارايانان بولسا دالاي لامانىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان كالكۇتتادىكى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى دىققەتكە ئالمىغان. ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خېتى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق خىتاي بىلەن زاكۇنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي يېقىندا ھىندىستاننى دالاي لامانىڭ دېڭى دېھلىدا خەلقئارا دىنىي يىغىن ئېچىشىغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدا ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئېچىلىدىغان چېگرا سۆھبىتىنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت