خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دالاي لاما سۆزىدە 'گەرچە بىز تولۇق ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما خىتاي بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ، مىنى بۆلگۈنچى، دەپ جاكارلاپ، تىبەتكە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ، تىبەتتە ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ' دەپ كۆرسەتتى. شۇنداق ئۇ سۆزىدە يەنە، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ 5 - ئىيول ۋەقەسىدىكى ئىپادىسىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كەلگەن مۇشۇ ۋاقىتتا، لاسا شەھىرىدىكى مېھمانخانىلار مېھمان قوبۇل قىلىشنى توختاتتى. خىتاي قوراللىق قىسىملىرى شەھەرنىڭ ھەممە دوقمۇشلىرىدا ھەيۋە كۆرسىتىپ، تىبەتلەرگە ۋەھىمە سېلىشقا باشلىدى.