بۈگۈن دالاي لامانىڭ باياناتچىسى Tenzin Taklha مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى ئوباما بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرگەن. خىتاينىڭ يېقىنقى نارازىلىقلىرى ئۈستىدە توختالغان باياناتچى، "خىتاي نېمە دېسە دېسۇن، ئۇ خەلقئارا جامائەت پىكرىگە قۇلاق سالماي ئامالى يوق" دېگەن. ئۇ دالاي لاما بىلەن ئوبامانىڭ ئۇچرىشىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە ھەر ۋاقىت ئارىلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىگە، ھەم تىبەت خەلقىغە بېرىلىۋاتقان كۈچلۈك سىگنالدۇر، دېگەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، دالاي لاما بۇ يىل 4 - ئايدا شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن سىلوۋانىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. سلوۋانىيە سابىق يۇگوسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ چىققان، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كوممۇنىزمنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان بىر دۆلەتتۇر. شۇڭا دالاي لامانىڭ سلوۋانىيەنى زىيارەت قىلىشى مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكى تىبەت خەلقى ئۈچۈن يەنە باشقىچە ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.