دالاي لاما، تىبەتلىكلەردە مۇستەقىللىق يولىنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقاتلىقىنى بىلدۈرگەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.08.17
2010.08.17
تىبەت ياشلار تەشكىلاتى، دالاي لامادىن پەرقلىق ھالدا، تىبەتنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر تەشكىلاتتۇر. دالاي لاما سۆزىدە بۇ ئەھۋالغا ئىزاھات بېرىپ، "مەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرىيالمايمەن، چۈنكى مەن ئۆزۈم تاللىغان مۆتىدىل يول - ئاپتونومىيە يولى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىدى" دېگەن.
دالاي لاما خىتاي مۇشتىرىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن، ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلىكلەر ئىچىدە تىبەت داۋاسىنى داۋاملاشتۇرغۇدەك، دىنىي ۋە سىياسىي يېتەكچىلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى، ئۆزىنىڭ يېرىم پېنسىيە ھالىتىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، مۇھىم سىياسىي مەسىلىلەردە، ئۆز ئىز باسارلىرى قارار بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.