ئاقساراي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ شەنبە كۈنى دالاي لامانى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقساراي باياناتىدا: «بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تىبەت دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىل كىملىكىنى ھەمدە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لى: «بىز ھەرقانداق چەتئەل رەھبىرىنىڭ دالاي لامانى ھەر قانداق شەكىلدە قوبۇل قىلىشىغا قارشى» دېدى ۋە بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىنىڭ ئامېرىكا خىتاي-مۇناسىۋەتلىرىگە زىيانلىق ئىكەنلىكنى تەكىتلىدى.
دالاي لاما ئۆتكەن ھەپتە دىنىي مۇراسىم ئۈچۈن ئامېرىكىغا 10 كۈنلۈك كەلگەن ۋە بۇ جەرياندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.