خىتاي، دالاي لامانىڭ چىڭخەينى زىيارەت قىلىش تەلىپىگە ئېنىق جاۋاب قايتۇرالمىدى

چىڭخەيدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تىبەت داھىسى دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتىگە چىڭخەينى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.04.20

ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندە خىتاي تاشقى باياناتچىسى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇردى. ئەمما جاۋابتا، دالاي لامانىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى رەت قىلىدىغان ئېنىق ئىپادە بىلدۈرەلمىدى.

باياناتچى جياڭ يۈ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ شۇنداقلا تىبەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ئاپەتزادىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى، ھازىرچە يېتەرلىك دەرىجىدە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇنداقلا، يېمەك - ئىچمەك - كىيىم كېچەك جەھەتتە ياردەمنىڭ يېتىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتچى يەنە ياردەم جەريانىدا تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تىبەت داھىسى دالاي لاما، چىڭخەينىڭ بۇ قېتىمقى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونىدا تۇغۇلغان؛ خەلقئارا خەۋەرلەردە ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ دالاي لامانىڭ زىيارىتىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. ئەمما خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەلەپنى قوبۇل قىلىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس دەپ تەخمىن قىلىنماقتا.

يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ دالاي لامانىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلماسلىقىنى، خەلقئارا جامائەت پىكرى بېسىمىنىڭ تەسىرىدىن دەپ قاراشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.