يىغىن كۈن تەرتىپىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە، خەلقئارا كېلىشىملەرگە قول قويغان، ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ۋە ياكى كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلمايۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ چارە - تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنماقچى.
يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىلنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم بىر كۈنتەرتىپى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
باياناتچى دىلشات رىشىت يىغىندا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە يالغۇز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكىنى، بەلگىلىك جازالاش تەدبىرى قوللىنىش كېرەكلىكىنى، خىتاي بىلەن سودا كېلىشىملىرىدە، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى شەرت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلماقچى.
بۈگۈن يەنى 3 - سېنتەبىر كۈنى باشلانغان بۇ يىغىنغا، ياۋروپادىكى پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
