خىتاينىڭ پاپا تەيىنلىشى ۋاتىكاننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە سىچۈەندىكى بىر چېركاۋغا، رىم پاپاسىنىڭ تەستىقىسىزلا بىر پاپا تەيىنلىگەن. كاتولىك دىنى تەلىماتلىرى بويىچە، كاتولىك چېركاۋلىرىغا تەيىنلىنىدىغان پاپالارنى چوقۇم رىم پاپاسى تەستىقلىشى كېرەك.

خىتاينىڭ مەزكۇر تەيىننامىسى ۋاتىكاندىكى رىم پاپاسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. پاپا بېنېدىك 16، دۈشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىدىن ئېغىر رەنجىگەنلىكىنى بايان قىلدى. باياناتتا، «ئەگەر خىتايدىكى چېركاۋلار كاتولىك دەپ قارالسا، ئۇنداقتا بۇ چېركاۋلاردا كاتولىك دىنىنىڭ تەلىمات ۋە پرىنسىپلىرى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك» دېيىلگەن.

سىچۈەندىكى لىشان چېركاۋىغا تەيىنلەنگەن پاپا پاۋل لى شىيىن ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ۋاتىكان باياناتىدا بۇ كىشىنىڭ چېركاۋ پاپالىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ تۇتاملىق ۋە جىددىي سەۋەبلىرى بارلىقىنى بايان قىلغان.

ۋاتىكان بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ يىلتىزى 1950-يىللارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. خىتاي 1951-يىلى ئۆز تەۋەلىكىدىكى كاتولىك چېركاۋلىرىنى ۋاتىكان بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.

1980-يىللاردىن كېيىن ۋاتىكان بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا مۇناسىۋەتلەر قايتا باغلانغان بولسىمۇ، بېيجىڭ ۋاتىكاننىڭ خىتايدىكى چېركاۋغا پاپا تەيىنلىشىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ قاراپ كەلمەكتە. ۋاتىكانمۇ بېيجىڭنىڭ كاتولىك چېركاۋلىرىغا پاپا تەيىنلىشىنى كاتولىك دىنىي پرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق دەپ نارازى بولماقتا.