ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيسانى چېگرىدىن كىرىشكە رۇخسەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىلگىرى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ تىزىمغا كىرگۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا 9 - نويابىر كۈنى ئاخشىمى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئۈچۈن گېرمانىيىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتونغا يېتىپ كەلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.11.11


ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ، ئىلگىرى ئامېرىكىغا كېلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون داللاس ئايرودرومىدا چېگرىدىن كىرگۈزۈلمەي ئارقىغا قايتۇرىۋېتىلگەن ئىدى. ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ بىۋاسىتە ئادۋوكاتلىق قىلىشى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى ھەرگىزمۇ خىتايغا ئوخشاش تېررورىزمنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىمايدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە بولغان قوللىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بۇ يەردىكى جامائەت بىلەن كۆرۈشەلىگەنلىكى ۋە قۇرۇلتايغا قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.