د ئۇ ق مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 26 - ماي سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئاخبارات ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.05.26

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: " دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى، ئۆز تەقدىرىنى - ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، دېموكراتىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن تىنچ يوسۇندا كۈرەش قىلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ".

باياناتتا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈك ۋە دېموكراتىيىگە بولغان تەشنالىقىنى قوللاش ئۈچۈن خىتايغا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىشىشقا چاقىرغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق يولى تۇتۇشقا ۋە " شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىش،" قا دەۋەت قىلغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن، قۇرۇلتاينىڭ يېڭىدىن سايلانغان باياناتچىسى ئالىم سىيىتوف ۋە ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر قاتناشتى.

ئالىم سىيىتوف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3 - نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقانلىقىنى, مەزكۇر يىغىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 112 نەپەر ۋەكىل ۋە 40 نەپەر كۆزەتچىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى ۋە قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە سوئاللارنى سوراشتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.