18 دۆلەتتىن كەلگەن 120 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقتى. سابىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم يەنە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى. بۈگۈنكى سايلامدا يەنە، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق سېيت تۈمتۈرك، ئابدۇرېشىت تۇردى قاتارلىق كىشىلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى بولۇپ سايلاندى.
5-ئاينىڭ 14-كۈنى توكيودا باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چوڭ يىغىنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچىدۇ ۋە خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان يولسىزلىقىغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلەيدۇ.