د ئۇ ق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ، شەرقتىكى ئۆلكىلەرنى توك بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تەنقىد قىلدى

د ئۇ ق جۈمە كۈنى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەرنى توك بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تەنقىد قىلدى.

«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش» قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ «12- 5‏ يىللىق» پىلانىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرىدۇر. لېكىن د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش مەسىلىسىدە قاتناش-ترانسپورت چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان.

ئۇ، خىتاينىڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە قۇرۇپ، ئىچكىرىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ھەم كۆمۈر يۆتكەش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مۇھىتىنى قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت «قوش مەقسەتكە» يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى خىتاي ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا مەزكۇر قۇرۇلۇشنى كۈچەپ ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «12- 5 يىللىق پىلان» مەزگىلىدە سىرتقا توك چىقىرىش ئىقتىدارى 30 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشنى «كۆمۈرنى توك سىمىدا يۆتكەپ، پۈتۈن جۇڭگونى يورۇتۇش» دەپ ئاتىغان. لېكىن دىلشات رىشىت، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى ئىلگىرىلەپ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.