ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە گۇرۇپپا قۇرۇلدى

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا 20 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىپ تاپقان مەخسۇس مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە بىر گۇرۇپپا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە پەرغانە ئاگېنتلىقى قازاقىستاندىكى "قازاق ئاخبارات " ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىش پىلانلىرى بويىچە خىزمەتلىرىنى باشلىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ بىر رەھبىرى ئەزاسى بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ غەربلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بولغان قىزىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەتچىلىك، قاتناش ۋە يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەر بويىچىمۇ قىزىقىشلارنىڭ زورۇيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا ئاساسلىقى بۇ رايوننىڭ خام ئەشيالىرىغا بەكرەك قىزىقماقتا ئىكەن. ئەمما، بۇ گۇرۇپپىنىڭ رايون بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

كەڭ مەنىدىكى مەركىزىي ئاسىيا ناھايىتى كەڭرى بىر جۇغراپىيىلىك بوشلۇق بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ تەركىبىگە ئۇيغۇر ئېلىمۇ كىرىدىغانلىقى مەلۇم.

ئىستراتېگىيىچىلەر نۆۋەتتە، مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا رۇسىيە، خىتاي، ئامېرىكا ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنىڭدەك تۈركىيە، ئىران قاتارلىق ئەللەرنىڭ تۈرلۈك تەسىرلىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مۇنداق بىر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى مەركىزىي ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرىنى قىزىقتۇرغان.