ئەركىنلىك سارىيى پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلىدى

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەركىنلىك سارىيى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى خەلقئارا ئەھدىنامىغا خىلاپ ھەرىكەت دەپ تەنقىدلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-05-07
Share

بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " تېررورلوق " پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان،" شەرقىي تۇركىستان ئىسلام پارتىيىسى" تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.
ئەمما 5 - ئاينىڭ 2 - كۇنى " شەرقىي تۇركىستان ئىسلام پارتىيىسى " تەشكىلاتى خىتاي ۋە پاكىستانغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پاكىستاندىكى ئادەتتىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن ھېچقانداق ماناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۇرگەن ئىدى.

ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەركىنلىك سارىيى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەنى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ۋاقىت " تېررورچى" ۋە " مىللىي بۆلگۈنچى " دېگەن باھانە بىلەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھوكۇمرانلىغىغا قارشى تۇرغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىغىنى، ھەتتا بۇ كىشىلەرنى ئېغىر تەن جازاسى بىلەن جازالاپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىغىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ چەتئەللەردىن قايتۇرۇلغان ھەر قانداق كىشىنى قاتتىق جازالايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى، بۇ دۆلەتتە ئىنسانى ھەق - ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت