ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئادۋوكاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى : ئەرشىدىن ئىسرائىل خىتايغا ئەپ كېتىلدى

ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئادۋوكاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، قازاقىستاندا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.06.02

ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئادۋوكاتى يۇرى سېرگىۋېچ قازاقىستان دائىرىلىرىدىن ئالغان خەۋىرىگە ئاساسەن ئەرشىدىننىڭ قازاقىستان-خىتاي چېگراسى بولغان قورغاسقا ئەپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا ئەرشىدىن ئىسرائىلنى سەيشەنبە كۈنى قورغاس ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەتكەن بولۇپ، ئەرشىدىننى ئېلىپ ماڭغان 12 ساقچىنىڭ ئىچىدە دىلمۇرات ۋە يالقۇن ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ساقچىمۇ بار ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئەرشىدىننىڭ تۇغقانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەرشىدىن ئىسرائىل قورغاسقا ئەپ كېلىنگەن شۇ كۈنى كېچىدە، ئۇنىڭ يۇرتى بولغان سۈيدۈڭدە 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش قولغا ئېلىنغان. ئەمما بۇ ياشلارنىڭ ئەرشىدىننىڭ دېلوسى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن ئەركىنلىك سارىيى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ناملىق تەشكىلاتلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايانات بېرىپ قازاقىستاننى ئەيىبلىدى. ئۇلار ئۆز باياناتلىرىدا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان ۋە شۇنداقلا ب د ت نىڭ مۇساپىرلارنى قوغداش قانۇنىغا قول قويغان قازاقىستاننىڭ بۇ قىلمىشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.