FaceBook خىتاي مەنبەلىك توربۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى - FaceBook جۈمە كۈنى خىتاي مەنبەلىك توربۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.16


ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، FaceBook باش شتابىدا ئىشلەيدىغان بىر خىزمەتچىنىڭ شەخسىي كومپيۇتېرى خىتاي توربۇزارلىرى ئەۋەتكەن ۋىرۇستا يۇقۇملانغان، ئەمما FaceBook قوللانغۇچىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان.

FaceBook، دائىرىلىرى يۇقىرىقى كومپيۇتېرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بارلىق مۇناسىۋەتلىك كومپيۇتېردىن ۋىرۇس تازىلىغان.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇم 3 ھەپتە ئىلگىرى كۆرۈلگەن. FaceBook نىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر ھۇجۇم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەمدى ئاشكارىلىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى سەيشەنبە كۈنى بىر پرېزىدېنت بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا ئىنتېرنېت سىستېمىسى بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.