خىتاي گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدىن گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خىتاي پۇقراسى ھېسابلانغان 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا، مەزكۈر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايدا قانۇنىي جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چىڭ گاڭ سۆزىدە يەنە، بۇ 17 تۇتقۇننى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى شۇڭا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى بۇيىچە، ئۇلارنى دەرھال خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تەرەپ، 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق قېيىن - قىستاققا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەن بولۇپ، 2004 ‏ - يىلىدىن بۇيان ئۇلارنى 3 ‏‏ - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياكى بولمىسا ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. بىراق چىڭ گاڭ، جوڭگۇ قانۇنىدا ئۇلارنى قىيىن - قىستاققا ئېلىشنىڭ تامامەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، ئەگەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بۇش ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىدا ئېلىپ قېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە بىر مەيدان جىددىي مۇنازىرە ئېلىپ بارماقتا.